فىرانسىيەدە 2 ئاي ئىچىدىلا زۇكام سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

فىرانسىيەدە 2 ئاي ئىچىدىلا زۇكام ۋە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى.

911748
فىرانسىيەدە 2 ئاي ئىچىدىلا زۇكام سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە بۇلتۇر دېكابىردىن بۇيان زۇكام سەۋەبىدىن قازا قىلغان ئادەم سانى 5400گە يەتتى.

خەلق سالامەتلىكى دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل يانۋارنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىدىن ھازىرغىچە 5400 ئادەم زۇكامدىن قازا قىلغان.

خەلق سالامەتلىكى دۆلەت ئاگېنتلىقى ھەر ياشتىن يەنە 2000 ئادەمنىڭ ھەر خىل كېسەللىكلەر تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئاگېنتلىق كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ %90نىڭ 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر