سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر 400 دائېشچىنى ئەسىرگە ئالدى

سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاچقان كارىدوردا ئىدلىبتىكى سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا 400 دائېشچىنى ئەسىرگە ئالدى.

910461
سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر 400 دائېشچىنى ئەسىرگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئىشغالچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان ۋە ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە بىرلەشكەن 12 سۈرىيەلىك ئۆكتىچى گۇرۇپپا ئىدلىبكە قىاراپ ئىلگىرىلەشكە ئۇرۇنغان دائېش تېررورچىلىرىدىن 400 ىنى ئەسىرگە ئالدى، كۆپىنچىسىنى بىر تەرەپ قىلدى.

سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باياناتچىسى ناجى ئەبۇ ھۇزەيفەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باشقا رايونلاردىن ئىدلىبكە قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئۇرۇنغان دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا، ئىدلىبنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي قىشلاقلىرىدا 80 ى يارىدار بولۇپ، تەخمىنەن 400 دائېشچى ئەسىرگە ئېلىنغان. ئىدلىبنىڭ شەرقىي جەنۇبىي يېزىسىدىكى ئۇم خالاخىل، ھۇۋەيىن ۋە ئەرد زەرزۇر يېزىلىرىنىڭ كونتىروللۇقىمۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن. توقۇنۇشلاردا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان دائېشنىڭ زەنجىرسىمان قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارى ۋەيران بولغان، شۇنىڭ بىلەن، دائېشچىلار يەككە ھالەتتە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن دائېش ئۇزۇندىن بۇيان سۈرىيەنىڭ ئىدلىبتىكى سۈركىلىش ئازايتىش رايونىدا ئۆكتىچىلەرگە قارشى ھرەىكەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن تاكتىكىلىق جەھەتتىن ھەمكارلىق ئورناتماقتا ئىكەن.

سۈرىيە ئارمىيەسى ئۆكتەبىردە ھامانىڭ شەرقىدىكى ھۇنەيفىس رايونىدىن دائېش تېررورچىلىرىغا يول ئېچىپ، ئىدلىبتە ئۆكتىچىلەر ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى رايونلارغا ئۆتۈشىگە زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن ئىدى.

ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلغان دائېش بىلەن سۈرىيە ئارمىيەسى ئۇدا 3 ئاي رۇسىيەنىڭ ئۆكتىچىلەرگە ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەربىي گۇرۇپپىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرى سايىسىدا دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتكەن ئىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش 30  كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كارىدوردىن ئىدلىبنىڭ ئىسكى قىسمىغا ئىلگىرىلەپ، دەرىبىيە ۋە نىھا يېزىلىرىغا ئورۇنلىشىۋالغان ئىدى.

سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن دائېش ئىدلىبنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ئىلگىرىلەۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسىيە ئۆكتىچىلەرنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلىپ، سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن دائېشقا ياردەم بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر