گىرېتسىيەدە تۈركىيەدىن قېچىپ كەتكەن ئەسكەرلەر توغرىسىدا قايتا سوت ئېچىلىدۇ

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى 2016-يىلى 15-ئىيۇل قوزغىغان ھەربىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن گىرېتسىيەدە پاناھلانغان قاچقۇن ئەسكەرلەرنىڭ پاناھلىنىش تەلىپىگە مۇناسىۋەتلىك سوت ئېچىلىدىغان كۈنلەر بېكىتىلدى.

910147
گىرېتسىيەدە تۈركىيەدىن قېچىپ كەتكەن ئەسكەرلەر توغرىسىدا قايتا سوت ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نىكولاس ساكېللارىيو تۈركىيەدىن قېچىپ كەتكەن ئەسكەرلەرنىڭ سوتى توغرىسىدايازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، قاچقۇن ئەسكەرلەردىن سۈلەيمان ئۆزكايناچىغا بېرىلگەن پاناھلىنىش ھوقۇقىنى توڭلىتىش ھەققىدىكى سوتنىڭ 22-فېۋرالدا ئېچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پاناھلىنىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەرزى 2018-يىلى 4-ماي نىكولاس ساكېللارىيونىڭ رىياسەتچىلىكىدە سوت ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن ۋە بۇ ھەقتە قارار چىقىرىلىدىكەن. سوتنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمىگىچە باشقا قاچقۇن ئەسكەرلەرنىڭ پاناھلىنىش تەلەپلىرى توغرىسىدا ھېچقانداق قارار ئېلان قىلىنمايدىكەن.

گىرېتسىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ قاچقۇن ئەسكەرلەرگە پاناھلىنىش ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ ئەرز سۇنۇشى نەتىجىسىدە، ئافېنا مەمۇرىي سوتنىڭ ئورنىغا، ئەڭ ئالىي سوتنىڭ دېلوغا قاراپ چىقىشى قارار قىلىنغان ئىدى.

گىرېتسىيە پاناھلىق تىلەش ئىشخانىسى ئۆزكايناكچىنىڭ پاناھلىنىش تەلىپىنىڭ رەت قىلىنىشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، سۇنغان ئەرزىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

تۈركىيەنىڭ جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان گىرېتسىيە سوت مەھكىمىلىرىدە، قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۈچىنچى تەلەپكە قاراپ چىقىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر