غەززەلىكلەر ئىسرائىلىيە مۇھاسىرىسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

غەززەدە 2007 – يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيە مۇھاسىرىسىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

908081
غەززەلىكلەر ئىسرائىلىيە مۇھاسىرىسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، غەززەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان جىبالىيە مۇساپىرلار لاگېرىغا يېقىن يەردە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا يۈزلەرچە كىشى ئىشتىراك قىلدى. نامايىشچىلار، 2007 – يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيە مۇھاسىرىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق بىلەن بىرلىشىش سىگناللىرىنى مەزمۇن قىلغان شوئارلارنى توۋلىدى.

ئىسرائىلىيە، 2006 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ھاماس غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، غەززەنى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى مۇھاسىرىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر