كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىننى پىيوڭياڭغا تەكلىپ قىلدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىننى پىيوڭياڭغا تەكلىپ قىلدى.

907816
كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىننى پىيوڭياڭغا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يوھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، پىيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم چوڭئۇننىڭ سېڭلىسى كىم يوجوڭنىڭ پايتەخت سېئۇلدا جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن بىلەن پىرېزىدېنلىق سارىيىدا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى باياناتچىسى كىم ئۇيكىيون يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا كىم يوجوڭنىڭ  شىمالىي كورېيە رەھبىرىنىڭ تەكلىپىنى پىرېزىدېنت مۇن جائىنغا تاپشۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇن جائىن بۇ تەكلىپكە قارىتا جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ كېرەكلىك مۇھىت ھازىرلاشنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

مۇن جائىن ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسدىكى دىيالوگنڭ قايتىدىن باشلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم چوڭئۇننىڭ سېڭلىسى كىم يوجوڭ پىيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى بېرىلگەن كەچلىك زىياپەتتە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، ھەر ئىككى كورېيە ئوتتۇىسىدا يېقىندىن بۇيان بارلىققا كەلگەن يېقىنلىشىشنىڭ كەلگۈسىدە دىيالوگ ۋە تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر