پوروشېنكو ئاۋسترىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو ۋىيېننادا ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندر ۋان دېر بېللېن ۋە باش مىنىستىر كۇرز بىلەن كۆرۈشتى.

906972
پوروشېنكو ئاۋسترىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندر ۋان دېر بېللېن، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە مىنىسكى كېلىشىمىنىڭ كېچىكتۈرمەستىن ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى پوزىتسىيەسى ئۆزگەرمىگەن تەقدىردە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېنناغا بارغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو، پىرېزىدېنت ۋان دېر بېللېن ۋە تاشقى ئىشلار، ياۋروپا، ماسلىشىش ئىشلىرى مىنىستىرى كارىن كنېسسىل بىلەن ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ۋان دېر بېللېن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىقتىساد، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى جىددىيچىلىك قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ۋان دېر بېللېن، ئاۋسترىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېلىشىمىنىڭ مۇھىم ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كنېسسىل بىلەن بىرلىكتە مارت ئېيىدا ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكومۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئېكسپورت ۋە ئىمپورتنىڭ %17 ئاشقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، ئاۋسترىيە شىركەتلىرىنى دۆلىتىگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى.

ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشى يولىدا ئاۋسترىيەنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن پېترو پوروشېنكو، ئاۋسترىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي ئېمبارگوسىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

بۇ جەرياندا، پېترو پوروشېنكو ۋىيېننادا ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى كۇرز بىلەنمۇ كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر