ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئارمىيە سېپىدە كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ئېلىپ باردى

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى، پايتەخت كابۇلدىكى ھۇجۇم سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن كېيىن، ئىككىسى گېنېرال بولۇپ جەمئىي 7 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى، 164 گېنېرالنى دەم ئېلىشقا چىقىرىۋەتتى.

906207
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئارمىيە سېپىدە كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى شاھ ھۈسەيىن مۇرتەزاۋى، غېنىنىڭ پايتەختتە يېقىنقى كۈنلەردە كۆپىيىپ قالغان ھۇجۇملاردا ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككىسى گېنېرال بولۇپ جەمئىي 7 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ سوتلىنىدىغانلىقىنى، ۋەزىپە ئادا قىلىشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇرتەزاۋى، غېنىنىڭ ھەربىي ساھەنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، 164 گېنېرالنى دەم ئېلىشقا چىقىرىش ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

كابۇلدا بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتىچە ئىلگىرى سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىغا يېقىن جايدا جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن قىلىنغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 103 ئادەم ئۆلگەن، 250 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پايتەخت كابۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىچكى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارسى يېڭى بىخەتەرلىك پىلانى تەييارلاپ چىقتى.

ئافغانىستان خەۋپسىزلىك بوشلۇقى يۈزىسىدىن ھەر كۈنى يۈزلەرچە ئافغان ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىپ، «بىخەتەر پورت» دەپ قاراۋاتقان پايتەخت كابۇلغا كۆچمەكتە. بىراق مۇتەخەسسىسلەر، يېقىنقى يىللاردا نوپۇسى 5 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن كابۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ شەھەرنى بىخەتەر جاي بولۇشتىن چىقىرىپ تاشلىغانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا.

ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۆي ئايدا يۈز بەرگەن 22 ئايرىم تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ بەشى كابۇلدا مەيدانغا كەلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر