جۇ يوڭسام: «شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قەتئىي يالۋۇرۇپ باقمىدى»

شىمالىي كورېيە ئەتە جەنۇبىي كورېيەدە باشلىنىدىغان پىيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشۈش نېيىتى يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى.

906703
جۇ يوڭسام: «شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قەتئىي يالۋۇرۇپ باقمىدى»

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مىك پېنج قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيە بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالىنى رەت قىلمىغان ۋە «ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغىنىم يوق، قېنى قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېگەن ئىدى.

بىراق رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «KCNA» شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، شىمالىي ئامېرىكا ئىشخانىسى باشلىقى جۇ يوڭسامنىڭ «ئامېرىكا بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قەتئىي يالۋۇرۇپ باقمىدۇق. كەلگۈسىدىمۇ يالۋۇرمايمىز. ئۇچۇق قىلىپ ئېيتىشقا توغرا كەلسە، جەنۇبىي كورېيەدە تۇرۇش مۇددىتىمىز بويىچە ئامېرىكا بىلەن ئۇچرىشىش نېيىتىمىز يوق. ھەيئىتىمىز جەنۇبىي كورېيەگە پەقەت ئولىمپىككە قاتنىشىش ۋە نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلىشىنى ئالقىشلاش ئۈچۈنلا ماڭدى» دېگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن شىمالىي كورېيە ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدىن ئىلگىرى شىمالىي كورېيە ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 – يىلىنى پايتەخت پىيوڭياڭدا ھەربىي پارات مۇراسىمى بىلەن تەبرىكلىدى.

«AP» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ جەنۇبىي كورېيەلىك بىر ھۆكۈمەت مەسئۇلىنى مەنبە قىلغان خەۋەرىدە، ئەتىگەندە پايتەخت پىيوڭياڭدىكى كىم ئىل سۇڭ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات مۇراسىمىنى ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ كۆرگەنلىكى قەيت قىلىندى. 

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ھەربىي پاراتنىڭ كۆرۈنىشلەردە، نۇرغۇنلىغان ئەسكەر، بىرونىۋىك ۋە تانكىلارنىڭ مۇراسىمغا قاتناشقانلىقى نامايان قىلىندى.

شىمالىي كورېيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن تارقاتتى. بىراق بىر قانچە سائەت كېيىن ئارخىپتىن بېرىلگەن تارقىتىشلاردا بولسا، پاراتتىن ئۆتۈش جەريانىدا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار قاچىلانغان ئاپتوموبىللارنىڭمۇ پاراتتىن ئۆتكەنلىكى كۆرۈندى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، «شىمالىي كورېيە بىرىنچى دەرىجىلىك ھەربىي گۈچلەر قاتارىدا» دېدى.

كىم جوڭئۇن يەنە: «ئىپېرىيالىستلار بۇ دۇنيادا مەۋجۇتلا بولىدىكەن ۋە ئامېرىكىنىڭ كورېيەگە قارىتىلغان ھۇجۇم خاراكتېرلىك تەھدىتلىرى داۋاملىشىدىكەن، شىمالىي كورېيە خەلق ئارمىيەسىنىڭ ۋەتىنىنى قوغداش ۋەزىپىسى قەتئىي ئۆزگەرمەيدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر