ئىسرائىلىيە سۈرىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشق ئەتراپىدىكى بىر تەتقىقات مەركىزىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SANA) نىڭ سۈرىيە ھەربىي مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، دەمەشقنىڭ شىمالىدىكى تەتقىقات مەركىزى ئىلگىرىمۇ ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسىدا بولسا، ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىدىن بىرقانچىسىنى ھاۋا بوشلۇقىدا پاچاقلاپ تاشلىغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى تېل ئاۋىۋدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بۇلتۇر نويابىر ئېيىدىمۇ ھۇمۇس ۋىلايىتىدىكى نىشانلارنى بومباردىمان قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى
رۇسىيەدە ۋلادىمىر پۇتىن قەسەم بېرىپ، بەشىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى رەسمىي باشلىدى.