پ ك ك چوماقچىلىرى لوندوندا ۋەقە پەيدا قىلدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك چوماقچىلىرى ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ۋەقە تۇغدۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك چوماقچىلىرى بۇ قېتىم لوندوندا ۋەقە پەيدا قىلدى.
ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن پ ك ك چوماقچىلىرى ۋەقە پەيدا قىلدى.
ئەنگلىيە ساقچىلىرى بىر جۈپ ئەر-خوتۇنغا پوخورلۇق قىلغان پ ك ك چوماقچىلىرىنى تارقىتىۋەتمەكچى بولدى.
گېرمانىيەنىڭ سالزگىتتېر-لېبېنستېدت شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن پ ك ك چوماقچىلىرىمۇ بىر تۈركنىڭ ماشىنىسىنى پاچاقلىۋەتكەنىدى.
پ ك ك چوماقچىلىرىنىڭ گېرمانىيەنىڭ كۆھلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىمۇ ۋەقە پەيدا بولغانىدى.
كۆھلىن ساقچىلىرى گېرمانىيە تەرىپىدىن چەكلەنگەن پ ك ك سىمۋوللىرى چۈشۈرۈلگەن رەسىملەرنى ئېلىپ ماڭغان بىر قىسىم نامايىشچىلارنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.