مەھمۇد ئابباس مۇسۇلمانلارنى پەلەستىن ۋە قۇددۇسنى زىيارەت قىلىشقا چاقىردى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس «قۇددۇس 2018 ئىسلام دۇنياسى ياشلار پايتەختى»ناملىق پىروگراممىدا مۇسۇلمانلارنى قۇددۇسنى زىيارەت قىلىشقا چاقىردى.

905158
مەھمۇد ئابباس مۇسۇلمانلارنى پەلەستىن ۋە قۇددۇسنى زىيارەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قۇددۇسنىڭ خەلقئارالىق قانۇندا بېكىتىلگەن سالاھىيىتى ۋە ئورنىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

مەھمۇد ئابباس راماللاھتا ئۆتكۈزۈلگەن «قۇددۇس 2018 ئىسلام دۇنياسى ياشلار پايتەختى»ناملىق پىروگراممىدا سۆز قىلغاندا ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى ئۈستىدە توختىلىپ: قارارنى بىز بېرىمىز، بىزگە ھېچكىم مەجبۇرىي بىر نەرسىنى تاڭالمايدۇ، دېدى.

«ئامېرىكا تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىكى مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى سالاھىيىتىنى يوقىتىپ قويدى»دېگەن ئابباس، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان 1967-يىلدا بېكىتىلگەن چېگرالاردىكى زېمىنلاردا پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئابباس سۆزىدە تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: بىز ھېچقاچان سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلىپ باقمىدۇق، ھەر ۋاقىت تىنچلىققا قول ئۇزىتىپ كېلىۋاتىمىز، بىز ھەر قانداق تېررورلۇق قىلمىشىغا قارشىمىز، دېدى.

«خەلقئارا قانۇن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ زادى قانداق رولى بار؟»دېگەن ئابباس ب د ت نىڭ جازالاش كۈچىنىڭ ئاجىز بولۇشىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «پەلەستىن مەسىلىسى توغرۇلۇق ھازىرغىچە ب د ت دا 75 تىن ئارتۇق قارار چىقتى، بۇنىڭدىن باشقا 60دەك قارار ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن چىقتى، لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەمەلىيلەشمىدى.»

بارلىق مۇسۇلمانلارنى قۇددۇسنى زىيارەت قىلىشقا چاقىرغان ئابباس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پەلەستىن ۋە قۇددۇسنى زىيارەت قىلىش ئىشغالىيەتچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش دېگەنلىك بولمايدۇ.»

ئابباس بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ھاسىل قىلىنغان پەلەستىن مۇرەسسە كېلىشىمى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ: غەززە بولماي تۇرۇپ پەلەستىن دۆلىتى بولمايدۇ، غەززەدىمۇ دۆلەت بولمايدۇ، دېدى.

ئابباس «قۇددۇس 2018 ئىسلام دۇنياسى ياشلار پايتەختى»پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياشلار دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقى ئىلشاد ئىسكەندەروفقا «قۇددۇس چولپىنى مېدالى»تەقدىم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر