ئامېرىكا ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنىڭ كېلەچىكىگە دائىر خەۋەرلەرگە ئىزاھات بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت سانىنىڭ تۆۋەنلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنى توقۇنۇش كۈچىدىن ئامانلىقنى ساقلاش كۈچىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

904806
ئامېرىكا ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنىڭ كېلەچىكىگە دائىر خەۋەرلەرگە ئىزاھات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى چېكىندۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقىتىشىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى قىسىملىرى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «مۇسۇلنىڭ ئېلىنىشىدىن كېيىن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلار نەتىجىسىدە ئىتتىپاقداش كۈچلەر، ئىراقتىكى دىققەت نۇقتىسىنى توقۇنۇش ھەرىكەتلىرىدىن دائېشقا قارشى قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەربىي ئۇتۇقلارنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دائېشنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدە قولغا كىرگۈزۈۋالغان جايلىرىنىڭ %98 ىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن باياناتتا، ئىتتىپاقداش كۈچلەر قوماندانلىقىنىڭ، دائېشنىڭ قايتىدىن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى سادىر قىلىشقا يۈزلىنىش ئېھتىمالى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ يىلنىڭ ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، «ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئىراقتىكى مەۋجۇتلۇقى شارائىتقا قاراپ، ئېھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ماسلاشقان ھالدا داۋاملىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەرگە مەسئۇل دىرېكتورى مايور گېنېرال جوناتان براگا، «دائېشنى ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقداش كۈچلەر ئىراقلىق شېرىكلىرىمىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئەسكەرلىرىمىزنى رەتكە سالىمىز. دۈشمەننىڭ ھېلىھەم ھۇجۇم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، دۇنيا مىقياسىدا ھۇجۇم پىلانلاش ۋە بۇنى باشقىلارغا سىڭدۈرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە، دەپ قارايمىز. ئىتتىپاقداش كۈچلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ۋەزىپىسىنى ئەڭ ئۇيغۇن شەكىلدە ئۆزگەرتىدىغان بولسىمۇ، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بۇ يەردە دائېشقا قارشى شىرىكلىمىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى مەشىق، ئارقا سەپ ۋە قورال جەھەتتە يېتەرلىك كۈچ قالدۇرۇپ قويىمىز» دېدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئېرىك پاخون بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئازىيىشى بىلەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئەسكەر سانىدا تەدرىجى ئازىيىش بولىدىغانلىقىنى، بىراق، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان جايدا پەقەت ئەسكەرلەرنىڭ ۋەزىپە شەكلىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پاخون، توقۇنۇشلارنىڭ ئازىيىشى بىلەن ئىراق كۈچلىرىگە توقۇنۇشتىنمۇ بەكرەك ئامانلىق ساقلاش جەھەتتە ياردەم قىلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر