ئامېرىكا: سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر ناۋېرت سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي گۇتا رايونىدا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

902340
ئامېرىكا: سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناۋېرت  كۈندىلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ شەرقىي گۇتا رايونىدا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر خەۋەر تارقالغانلىقىنى، ئەگەر بۇ خەۋەر توغرا بولسا، سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي گۇتادا 30 كۈن ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، ساھەدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ خەۋەرنىڭ توغرا – يالغانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر