پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە خىتاب قىلىدۇ
پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ فېۋرال ئېيى نۆۋەتچى رەئىسى كۇۋەيتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 20 – فېۋرال نىيۇ يوركتا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە خىتاب قىلىدۇ.
902119
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، قوشۇمچە كۇۋەيتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى مەنسۇر ئالوتابى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ فېۋرال ئېيى نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، 20 – فېۋرال كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە چاقىرىلىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» سەرلەۋھىلىك يىغىنغا مەھمۇد ئابباسنىمۇ تەكلىپ قىلغانلىقلىرىنى، ئۇنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى خىتابىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن مۇھىم ۋە پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.