نىگېرىيەدە ئارقا-ئارقىدىن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەردى
نىگېرىيەدە ئارقا-ئارقىدىن قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 17 ئادەم ئۆلدى.
902084
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەدىكى بىر نەچچە جايدا قوراللىق ھۇجۇملار مەيدانغا كېلىپ جەمئىي 17 ئادەم ئۆلدى، 25 ئادەم يارىلاندى.
بېنۇئى ئۆلكىسىدە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ 7 ئادەم ئۆلدى. ۋەقەدىن كېيىن، ئۆلكە مىقىياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.
كاندۇنا ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىدىمۇ قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 6 ئادەم ئۆلدى.
نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بورنو ئۆلكىسىدىكى دولارو مۇساپىرلار لاگېرىدا ئىككى بومبىلىق ھۇجۇم يۈز بەردى.
يېرىم سائەت ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن بۇ ھۇجۇملاردا 4 ئادەم ئۆلۈپ، 25 ئادەم يارىلاندى.
ھۇجۇملارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.