ئامېرىكىدا جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرى ئولتۇرغان پويىز قازاغا ئۇچرىدى

پويىزدىكى جۇمھۇرىيەتچى قانات پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

901227
ئامېرىكىدا جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرى ئولتۇرغان پويىز قازاغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنا ئىشتاتىدا جۇمھۇرىيەتچى قانات پالاتا ئەزالىرىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان يوپىز قازاغا ئۇچراپ 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پارتىيە يىغىنىغا كېتىپ بارغان پويىز بىر ئەخلەت ماشىنىسى بىلەن سوقۇشۇپ كەتتى.

ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەخلەت ماشىنىسىدىكى بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يەنە بىر كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

پويىزدىكى جۇمھۇرىيەتچى قانات پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئاق سارايدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقىمۇ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر