ئەسەد كۈچلىرىنىڭ شەرقىي غۇتەدىكى ئاھالىلەر رايونىدا خىلور گازى ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى، مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتە رايونىدىكى ئاھالىلەر رايونىغا خلور گازى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلدى.

901550
ئەسەد كۈچلىرىنىڭ شەرقىي غۇتەدىكى ئاھالىلەر رايونىدا خىلور گازى ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاكىمىيەت كۈچلىرى بۈگۈن ئەتىگەن ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتەنىڭ دۇما ناھىيەسى ئەتراپىغا خلور گازى قاچىلانغان قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان راكېتامىيوتلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا رايوندىكى پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى خادىملىرى تەرىپىدىن يېقىن ئەتراپتىكى سەھىيە مەركەزلىرىدە بالنىستقا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر