يەمەننىڭ ئادەن شەھىرىدە توقۇنۇش قايتىدىن باش كۆتۈردى
يەمەننىڭ ئادەن شەھىرىدە سىياسىي كېڭەشكە قاراشلىق قوراللىق كۈچلەر بىلەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى ئارىسىدا قايتىدىن توقۇنۇش باش كۆتۈردى.
899284
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە بۆلگۈنچى جەنۇبىي ھەرىكەتلەر گۇرۇھى تەرىپىدىن قۇرۇلغان سىياسىي كېڭەشكە قاراشلىق قوراللىق كۈچلەر بىلەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى ئارىسىدا قايتىدىن توقۇنۇش باش كۆتۈردى.
سىياسىي كېڭەشكە قاراشلىق قوراللىق كۈچلەر بىلەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار بۈگۈن ئەتىگەندە ئادەننىڭ ھۇرمەكسەر ۋە كىراتەر ناھىيەلىرىدە قايتىدىن باشلىدى.
ھۆكۈمەت قىسىملىرى توقۇنۇشلاردىن كېيىن ئەل-ئەرىز رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىنى سىياسىي كېڭەشكە قاراشلىق قوراللىق كۈچلەردىن قايتۇرۇپ ئالدى.
توقۇنۇشلار ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار بار ئىكەن.