كابۇلدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۈستىگە ئالدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر ھەربىي مەشىق ئاكادېمىيەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئافغان ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

899197
كابۇلدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، كابۇلدىكى ھەربىي ئاكادېمىيەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئافغان ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 10 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.

بۇ كابۇلدا يېقىنقى 9 كۈندە يۈز بەرگەن ئۈچىنچى ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ؛ شەنبە كۈنى بىر جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەنىدى.

بۇنىڭدىن بىرھەپتە ئىلگىرى  بىر مېھمانخانىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 22 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

يۇقىرىقى ئىككى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر