كابۇل يەنە بىر قوراللىق ھۇجۇمغا سەھنە بولدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر ھەربىي رايونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئافغان ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

899097
كابۇل يەنە بىر قوراللىق ھۇجۇمغا سەھنە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 4:00 تە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە 5 قوراللىق ھۇجۇمچىنىڭ كابۇلنىڭ غەربىي قىسمىدىكى 111 – نومۇرلۇق ھەربىي رايونغا كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى دەۋلەت ۋەزىرى، قاراڭغۇلۇقتىن پايدىلانغان ھۇجۇمچىلاردىن بىرىنىڭ ھەربىي رايوننىڭ كىرىش ئېغىزىدا بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلىتىپ، باشقا ھۇجۇمچىلارغا يول ئېچىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، 4 سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشتىن كېيىن 3 ھۇجۇمچىنىڭ ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، بىر ھۇجۇمچىنىڭ تىرىك قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ھۇجۇمدا 5 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 10 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر