ئامېرىكىنىڭ پ ك ك ئېتىراپلىرى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلغان «ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ پ ي د / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قورال بېرىش» مەسىلىسىگە ئالاقىدار يېڭى ئېتىراپلار كېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

898653
ئامېرىكىنىڭ پ ك ك ئېتىراپلىرى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نائۇئېرت پەيشەنبە كۈنىدىكى جامائەتچىلىككە ئوچۇق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى پ ي د / پ ك ك ئۇنسۇرلىرى توغرىسىدا توختالغاندا ھەر دائىمقىغا ئوخشاش «ي پ گ» دېيىشنىڭ ئورنىغا بىۋاسىتە ھالدا «پ ك ك» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى.

ئارقىدىن سۆزلىرىگە ھېچقانداق تۈزىتىش كىرگۈزمىگەن باياناتچى، «تۈركىيە، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا دائېشتىن كۆزىنى ئاغدۇرۇپ، پ ك ك نىڭ پېيىغا چۈشتى. ئۇ يەردە مۇقىملىق ئورنىتىلىشىنى خالايمىز» دېدى.

نائۇئېرتنىڭ باياناتىدىن كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇنىڭ سۆزلىرىگە تۈزىتىش بەرمەسلىكى ياكى ئۇنى ئىنكار قىلماسلىقى دىققەتنى تارتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA نىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىگە كىرگۈزۈلگەن دۆلەتلەرگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردا پ ي د / پ ك ك نىڭ «سۈرىيەدىكى چەت ئەللىك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى كۆرۈلدى. پ ك ك نى سۈرىيەدىكى چەت ئەللىك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى قاتارىدا بايان قىلغان ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA، سالىھ مۇسلىمنى «پ ك ك نىڭ سۈرىيە قانىتىنىڭ رەھبىرى» دەپ كۆرسەتتى.

ئىيۇل ئېيىدا ئامېرىكىدىكى ئاسپېن ئىنستىتۇتىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملار قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك توماس، پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى ي پ گ / پ ي د نىڭ نامىنى ئۆزلىرىنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن، «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى (SDG)» غا ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر