بىرازىلىيەدىكى بىر كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

بىرازىلىيەدىكى بىر كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 14 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

898641
بىرازىلىيەدىكى بىر كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەنىڭ فورتتالېزا شەھىرىدىكى بىر كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبىدا تۈنۈگۈن ئەتىگەن مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئۆلگەن 14 ئادەمنىڭ ئىچىدە 2 كىچىك بالىمۇ بار. بۇنىڭدىن باشقا يارىلانغاندىن كېيىن بالنىستقا ئېلىنغان كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئارىسىدا 12 ياشلىق بىر بالىنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىندى.

مەھەللىي مېدىيادا چىققان خەۋەرلەردە، ھۇجۇمچىلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر جىنايى ئىشلار گۇرۇھى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

گلوبو تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كېئارا ئۆلكىلىك خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ئىدارىسى كاتىپى ئاندرې كوستا بايانات بېرىپ، كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر سانىنى جەزملەشتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر