ئاۋاسترالىيەدە يەرلىك خەلق نامايىش ئۆتكۈزدى

ئاۋاسترالىيەدە يەرلىك خەلق ئابورجىنلەر «ئاۋسترالىيە كۈنى»نىڭ «ئىستىلا كۈنى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

897564
ئاۋاسترالىيەدە يەرلىك خەلق نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترالىيەدە بىرىتانىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ 1788-يىلى 26-يانۋاردا ئاۋسترالىيە زېمىنىغا قەدەم بېسىشىنىڭ بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلىنىشىگە قارشى چىققان يەرلىك خەلق ئابورجىنلەر  بىلەن ئون مىڭلارچە ئادەم، بۇ كۈننىڭ «ئىستىلا كۈنى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئاۋسترالىيە مىقىياسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشتى.

ھەر يىلى 26-نويابىردا رەسمىي بايرام سۈپىتىدە ئاۋسترالىيە مىقىياسىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلىنىپ كېلىنىۋاتقان « ئاۋسترالىيە كۈنى » ، بۇ يىلمۇ رەڭلىك مەنزىرلەردىن سىرت كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشىلىرىغا سەھنە بولدى.

مېلبورېن شەھەر مەركىزىدىكى سىۋانستون كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيەتىگە قاتناشقانلارنىڭ كىيىۋالغان ئەنئەنىۋى كىيىملىرى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

ئۆز ۋاقتىدا ئاۋسترالىيەگە كەلگەن بىرىتانىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ يەرلىك خەلقنى قىرغىن قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئابورجىنلەر ۋە ئۇلارنى قوللىغان ئون مىڭلارچە ئاۋاسترالىيەلىك، بىرىتانىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى كەلگەن كۈننى «ئىستىلا كۈنى»ئېلان قىلىپ، رەسمىي مۇراسىملارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

مېلبورېندىكى ۋىكتورىيە ئۆلكىلىك پارلامېنت ئالدىغا مىللىچە كىيىملەرنى كىيىۋالغان ئابورجىنلەر يىغىلىپ «ئاۋاسترالىيە ئابورجىنلەرنىڭ ئەبەدىي يۇرتىدۇر. ئىرقىي قىرغىنچىلىق پەخىرلىنىدىغان ئىش ئەمەس، تارىخنى ئۆزگەرتىڭلار، ئوغرىۋېلىنغان زېمىنلار، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى نېمىشقا تەبرىكلەيسىلەر، ئاۋاسترالىيە كۈنىنى بىكار قىلىۋېتىڭلار»دېگەن مەزمۇندا شوئار توۋلاشتى.

رەسمىي تەبرىكلەش مۇراسىملىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شەھەر مەركىزىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن نامايىشچىلار سىۋانستون كوچىسىدا ئۆزلىرىنى تاماشا قىلغان كىشىلەرنى، ئاۋسترالىيە كۈنى دېگەن نام ئاستىدا تەبرىكلىنىپ كېلىنىۋاتقان 26-يانۋارنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ بېشىغا ئېغىر پاجىئەلەر كەلگەن كۈن ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ تارىخنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سىياسەتچىلەر ىبلەن ئالاقە ئورنىتىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر