ئامېرىكىدىن پ ك ك ئىقرارى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر ناۋېرت سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونى توغرۇلۇق توختالغاندا «ي پ گ» نىڭ ئورنىغا «پ ك ك» دېدى.

897440
ئامېرىكىدىن پ ك ك ئىقرارى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناۋېرت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ نەزىرىنى دائېشتىن پ ك ك غا ئاغدۇرغانلىقىنى، رايوندىكى سۈركىلىشنىڭ پەسىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا يېڭى بىر كىرىزىسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

بۇ ئارىلىقتا، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ زىددىيەتلىك باياناتلىرىغا يەنە بىرى ئىلاۋە قىلىندى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «بىخەتەر رايون» مەسىلىسىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ سۆزلىرىنى يالغانغا چىقاردى.

ئامېرىكا باش ئىشتاب باشقارمىسى باياناتچىسى كېنىس مېكېنزى «بىخەتەر رايون» بەرپا قىلىش مەسىلىسىدە تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ ئۇدا بىرقانچە يىل داۋاملاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا تەرەپ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى پ ي د / پ ك ك تېررورسىتلىرىغا بەرگەن قورال – ياراغلارنى كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن مېكېنزى، بۇ ھەقتىمۇ تۈركىيە بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر