رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

رۇسىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ موسكۋانى سۈرىيەدە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن دەۋالىرىنى رەت قىلدى.

896762
رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دەۋالىرىنىڭ سوچىدا چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى ئاجىزلىتىش مەقسەتلىك تەشۋىقات ماھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بايانات بېرىپ، رۇسىيەنى شەرقىي غۇتەدىكى پۇقرالارغا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشنىڭ جاۋابكارى، دەپ كۆرسەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر