ناتو مۇئاۋىن باش كاتىپى: تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھوقۇقى بار

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مۇئاۋىن باش كاتىپى روز گوتتېموللېر تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتتى.

895846
ناتو مۇئاۋىن باش كاتىپى: تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھوقۇقى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوتتېموللېر زىيارىتى جەريانىدا پايتەخت ئەنقەرەدە خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە چېگرا رايونلىرىدا پات - پات تېررورىزمنىڭ تەھدىتلىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچراۋاتقان دۆلەت بولۇپ، بۇ قورقۇنۇچلۇق تەھدىتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش  ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. جۈملىدىن سۈرىيەدىكى كورد قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىش جەھەتتىن ھەقلىق سەۋەبلىرى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھوقۇقى بار.»

سۈرىيەدىكى ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قورال - ياراغ ياردەم بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىپ كېتىشى توغرىلىقمۇ توختالغان گوتتېموللېر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ناھايىتى چوڭ بىر ئائىلىدۇر، شۇڭا بەزىدە ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا ئىختىلاپلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ قالىدۇ. تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ۋە ئائىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەزالىرىدىن بىرى. ئەزالىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى تالاش – تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئائىلە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ياردەمچى بولىشىمىز مۇمكىن. ناتو سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرىدۇ، تۈركىيە بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.»

يەنە بىر تەرەپتىن،  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگنىڭ داۋاملىق جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن گوتتېموللېر، ستولتېنبېرگنىڭ ئەردوغان بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇزاكىرىلىرىدىن ناھايىتى خۇرسەن ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر