خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتىنى ئاگاھلاندۇردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

892726
خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىغا تەۋە بىر ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ بېيجىڭنىڭ جەنۇبىدىكى خىتاي دېڭىز تەۋەلىكىگە رۇخسەتسىز كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ۋاشىنگىتون دائىرىلىرىنى ئېگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

باياناتتا، «17 – يانۋاردا ئامېرىكىغا تەۋە بىر ئۇرۇش پاراخوتى خۇاڭيان ئارالىدىن 12 دېڭىز مىلى ئۇزاقلىقتىكى دېڭىز تەۋەلىكىمىزگە رۇخسەتسىز كىردى. خىتاي دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرى قانۇنلارغا ئۇيغۇن ھالدا ئامېرىكا پاراخوتىغا قارىتا دوست - دوشمەن تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش يوللىدى»  دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەۋە پاراخوتنىڭ بۇ ھەرىكىتى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ شۇنداقلا رايوندا ئالدىن پىلانلغان شەكىلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىدۇ» دېگەن سۆزلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر