بۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رەسمىي تاقىلىپ قالدى

دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى توشوشى بىلەن تەڭ ئامېرىكا ھۆكۈمتىمۇ تاقالدى. خامچوتتىكى پۈتۈشەلمەسلىك سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت خىزمەتلىرى ۋاقىتلىق توختىتىلدى.

892634
بۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رەسمىي تاقىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتچىلارنىڭ خامچوت مەسلىسىدە كېلىشەلمەسلىكى سەۋەبىدىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى تولغاندا رەسمىي تاقالدى.

نۇرغۇنلىغان فېدېراتسىيە ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى 20 - يانۋاردىن باشلاپ ۋاقىتلىق توختىتىشىغا سەۋەب بولغان خامچوت كىرىزىسى مىليونلىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مائاشلىرىنى ئالماي ئىشلىشىگە ياكى مەجبۇر ئىشتىن رۇخسەت سورىشىغا يول ئاچتى.

فېدېراتسىيە ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرالىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان 3 – ۋاقىتلىق خامچوتنىڭ مۇددىتى ۋاشىنگىتون ۋاقتى سائەت 00:00 دە توشۇپ قالغان ئىدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتچىلار 4 – ۋاقىتلىق خامچوت تەكلىپىنى يېرىم كېچىگىچە پالاتانىڭ تەشتىقىدىن ئۆتكۈزەلمىدى.

فېدېرال ھۆكۈمەت مالىيە يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق دەرۋازا تاقاشقا مەجبۇر بولدى.

مەزكۇر خامچوت تەكلىپى ئامېرىكا پالاتاسىدا كېرەكلىك 60 ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى.  

دېموكراتچىلار خامچوت تەكلىپىگە قاتتىق قارشى چىقتى. ئامېرىكىغا كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى تەرىپدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن ئېلىپ كېلىنگەن 800 مىڭ ئەتراپىدىكى ياش كۈچمەنلەرنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «DACA» ناملىق پىروگرامما مەسىلىسىدىكى كېلىشەلمەسلىك، خامچوت كىرىزىسىدە مۇھىم رول ئوينىدى. 

دېموكراتچىلارنىڭ پالاتا ئەزالىرى خامچوت تەكلىپىنى قوللاش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزگەن «DACA» پىروگراممىسى دائىرىسىدىكى كۆچمەنلەر مەسلىسىگە بالدۇرراق ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى شەرت قىلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر «DACA» پىروگراممىسى ئۈچۈن مارت ئېيىغىچە ۋاقىت بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېموكراتچىلارنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئامېرىكا ئارمىيەسى، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئامېرىكا خەلقىدىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋېلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر