رۇسىيە ئەسكەرلىرى ئافرىندىن چېكىنىشكە باشلىدى

ئافرىندىن ئونلىغان رۇسىيە ئەسكەرلىرى بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ كونتىروللۇقىدىكى نۇبۇل ۋە زەھرا رايونلىرىغا يېتىپ باردى.

892436
رۇسىيە ئەسكەرلىرى ئافرىندىن چېكىنىشكە باشلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك نىشانلىرىغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت باشلاش ئالدىدا تۇرغان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، رۇسىيە رايوندىكى ئەسكەرلىرىنى يۆتكەشكە باشلىدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئافرىندىكى ئىشەنچلىك بىر مەنبەدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، كەفەر جەننە يېزىسى ئەتراپىدا تۇرۇشلۇق رۇسىيە ئەسكەرلىرى رايوندىن گۇرۇپپا شەكلىدە چىقىپ كېتىشكە باشلىغان.

ئافرىندىن ئونلىغان رۇسىيە ھەربىي ساقچىلىرى بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ كونتىروللۇقىدىكى نۇبۇل ۋە زەھرا رايونلىرىغا يېتىپ بارغان.

رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسمى ھازىرمۇ ئافرىندە تۇرماقتا.

ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال خۇلۇسى ئاقار، ئىستىخبارت ئىدارىسى باش مەسلىھەتچىسى ھاقان فىدان بىلەن بىرلىكتە تۈنۈگۈن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ۋالېرىي گېراسىموۋ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

ئۇچرىشىشتا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر، سۈرىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ۋە ئاستانە – جەنۋە مۇزاكىرە باسقۇچۇسلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر