قاتار ناتو بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى تۈزدى
قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن «بىخەتەرلىك كېلىشىمى» ئىمزالىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناتو نىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى مەركىزىدە قاتار ئارمىيەسى خەلقئارا ھەربىي ھەمكارلىق ھەيئىتىنىڭ باشلىقى تارىق خالىد ئابدېلى بىلەن ناتو مۇئاۋىن باش كاتىپى روز گوتتېموللېر ئىمزالىغان كېلىشىم ئۆزئارا ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى نىشان قىلىدىكەن. تەرەپلەر 2004 – يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە ئورنىتىلغان ھەمكارلىقنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.
2004 – يىلى ئىيۇندا ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.