پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسى كېڭەش قىلىندى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زىگمار گابرئېل پەلەستىن تىنچلىق مۇساپىسى ئۈستىدە كېڭەشتى.

891976
پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسى كېڭەش قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زىگمار گابرئېل بىلەن «پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى»توغرۇلۇق كۆرۈشتى.

پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى - WAFA نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىر زىگمار گابرئېل ئابباسقا تېلېفون قىلغان.

ئىككى رەھبەر «ئابباسنىڭ  22-يانۋاردا بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان يىغىن»توغرىسىدا توختالغان.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فېۋرالدا پەلەستىننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ئۈچۈن يېڭى مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى تېپىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە كېلەر ھەپتە بىريۇسسېلغا بارىدىغانلىقى ۋە بۇ جايدا چاقىرىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇلتۇر 6-دېكابىردا ئېلان قىلغان باياناتىدا قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوليۇرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ترامپنىڭ بۇ باياناتىدىن كېيىن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس پەلەستىن تىنچلىق مۇساپىسىدە ئامېرىكىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى بولالمايدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات بەردى.

ئابباس بۇلتۇر 13-دېكابىردا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئامېرىكا مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك سالاھىيىتىنى يوقىتىپ قويدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي تىنچلىق مۇساپىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئورۇن ئېلىشىغا يول قويمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر