ئامېرىكا ئاتالمىش «تېررورچىلار ئارمىيەسى»توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگون ئاتالمىش «تېررورچىلار ئارمىيەسى»توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

889979
ئامېرىكا ئاتالمىش «تېررورچىلار ئارمىيەسى»توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاتالمىش «تېررورچىلار» ئارمىيەسى توغرىسىدا بايانات بەردى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى –پېنتاگون تۈركىيەنىڭ ئاتالمىش «سۈرىيە چېگرا خەۋپسىزلىك قىسمى»دىن ئەندىشە قىلىشىنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ مەسىلىنىڭ تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن كېڭەش قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.  

پېنتاگون باياناتچىسى ئېرىك پاھون مۇنداق دېدى: «ھەربىي تەلىم-تەربىيە كۆرگەن چېگرا بىخەتەرلىك قىسمىدىن تۈركىيەنىڭ ئەندىشە قىلىشىنى توغرا چۈشىنىمىز، ناتو ئىتتىپاقدېشىمىز بولغان تۈركىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتىمىز بار.»

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د – پ ك ك ئۇنسۇرلىرىدىن تەشكىل قىلىنىدىغان ئاتالمىش «چېگرا بىخەتەرلىك قىسمى»مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىپ قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدا سورالغان سوئالغا قارىتا پاھون مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئامېرىكا ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن تۈركىيە مەنسەبداشلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ تېمىسى دەل مۇشۇ تېمىدۇر.»

مۇزاكىرىلەرنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا توختالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پاھوننىڭ باياناتىدا «پىلانلانغان چېگرا خەۋپسىزلىك قىسمى»ئىبارىسىنى ئىشلىتىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

پاھون يەنە بۇ مەسىلىنىڭ پېنتاگوننىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ قويدى.

پېنتاگوندىن يەنە بىر ئەمەلدار تۈنۈگۈن تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلاردىن تازىلاشقا تەييارلىنىۋاتقان ئافرىن رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – پ ي د  ئۇنسۇرلىرىنى قوللىمايدىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر