بىرما ۋە باڭلادىش رەھبەرلىرى ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن يىغىن چاقىردى

بىرما ۋە باڭلادىش رەھبەرلىرى ئاراكان ئۆلكىسىدىن قاچقان مۇسۇلمانلار توغرۇلۇق يىغىن چاقىردى.

888592
بىرما ۋە باڭلادىش رەھبەرلىرى ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ۋە باڭلادىش رەھبەرلىرى ئاراكان ئۆلكىسىدىن قاچقان مۇسۇلمانلارنىڭ (روھىڭيالىقلار)يۇرتىغا قايتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۆرۈشتى.

بىرما پاراۋانلىق، ياردەم ۋە تۇرالغۇ ئىشلىرى مىنىستىرى ۋىن مىيات ئايې بىرما ۋە باڭلادىش رەھبەرلىرىنىڭ پايتەخت نەپىدودا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرماغا قايتىپ كېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇچراشقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ۋىن مىيات ئايې باڭلادىشقا قاچقان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى بىرماغا كېلەر ھەپتە قايتۇرۇشنى پىلانلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

يەرلىك تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، باڭلادىش دائىرىلىرى 100مىڭ ئەتراپىدا مۇساپىرنىڭ ئاراكانغا قايتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى خادىمى ۋىۋىيان تان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى بىرماغا قايتۇرۇش مۇساپىسىدە ۋەزىپە ئۆتەشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

تان مۇنداق دېدى: «ناۋادا بۇ ئىشقا كىرسەك ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىنى توغرا ئېنىقلاپ چىقالايمىز، شۇنداقلا مۇساپىرلار بولۇپ بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئېشىشىغا پايدىمىز تېگىپ قېلىشى مۇمكىن.»

بۇلتۇر 25-ئاۋغۇستتىن بۇيان بىرما ئارمىيەسى ۋە ئاشقۇن بۇدىستلارنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا مىڭلارچە ئادەم ئۆلۈپ، 600مىڭ دىن ئارتۇق ئادەم قوشنا دۆلەت باڭلادىشقا قاچقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر