ئىتالىيەدە 16 ياشلىق «پەلەستىنلىك جەسۇر قىز» ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ تەمىمى ۋە باشقا يۈزلىگەن پەلەستىنلىك ئۆسمۈرلەرنى تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ئەيىبلەندى.

887856
ئىتالىيەدە 16 ياشلىق «پەلەستىنلىك جەسۇر قىز» ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىم ۋە لازودا تۇرۇشلۇق پەلەستىنلىكلەر جەمئىيىتى ئەزالىرى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا توپلىشىپ، 16 ياشلىق «پەلەستىنلىك جەسۇر قىز» ئەھەد تەمىمىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىشىنىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار پەلەستىن بايراقلىرى بىلەن بىرگە «ئەھەد تەمىمىگە ئەركىنلىك!»، «پەلەستىندىكى ئىشغالىيەت يوقالسۇن!» ۋە «پەلەستىنگە ئازادلىق!» دەپ يېزىلغان لوزىنكىلارنىمۇ كۆتۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈردى. 

نامايىش جەريانىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەھەد تەمىمى ئائىلىسىگە ۋە پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرى چۈشەندۈرۈلگەن ۋاراقچىلارمۇ تارقىتىلدى.  

رىم ۋە لوزادا تۇرۇشلۇق پەلەستىنلىكلەر جەمئىيىتى باشلىقى يوسۇف سەلمان، تەمىمى ۋە باشقا يۈزلىگەن پەلەستىنلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىگە تاشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

يوسۇف سەلمان پەلەستىنلىكلەرنىڭ 70 يىلدىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭىمۇ باشقا دۆلەت پۇقرالىرىغا ئوخشاش ئۆز دۆلەتلىرىدە ئەركىن ياشاشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر