رۇسىيە ئايروپىلانلىرى ئىدلىبنىڭ بەزى يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئىدلىبتىكى جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى دەپ بەلگىلەنگەن جايلار يېقىندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم نىشانى بولماقتا.

887780
رۇسىيە ئايروپىلانلىرى ئىدلىبنىڭ بەزى يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىگە قاراشلىق بەزى يېزىلارغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىدلىبتىكى خەلقنى مۇداپىئە قىلىش ئەترىتى مۇدىرى مۇستافا ھاجى يۈسۈف: «رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ خان سۇبۇلغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، ئاز دېگەندىمۇ 10 كىشى يارىدار بولدى» دېدى.

خەلق ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھاجى يۈسۈف، «رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىدلىبتىكى كەفەر باتتىھ ۋە سەرجە يېزىلىرىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بولسا، 2 ئايال ۋە 1 كىچك بالا بىلەن قوشقاندا، ئاز دېگەندىمۇ 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.

مۇستافا ھاجى يۈسۈف يارىدارلارنى رايوندىكى سەھىيە مەركەزلىرىگە يۆتكىگەنلىكىنى،، پۇقرالارنى مۇداپىئە قىلىش مەركىزىنىڭمۇ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، مۇلازىمەت قىلالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇقرالارنى مۇداپىئە قىلىش مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىدلىبتىكى جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى دەپ بەلگىلەنگەن جايلاردا، يېقىنقى بىر ئايدىن بويان قىلىنغان ھۇجۇملار تۈپەيلىدىن ئاز دېگەندىمۇ 110 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر