شەرقىي غۇتە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتە رايونىغا قىلىنغان شىددەتلىك ھۇجۇملاردا 5 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

887523
شەرقىي غۇتە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى، دۇما ۋە ھارەستا ناھىيەلىرى بىلەن بەيت ساۋا، مىسرابە، سەكبە، ئاربىن، مەرج، جىسرىن، مەديەرە ۋە ھاممۇرىيە بازارلىرىغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلدى؛ ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پۇقراۋى قوغدىنىش خادىملىرى، گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بىنالارنىڭ ئاستىدىكى كۆپ ساندا پۇقرانى قۇتقۇزۇشقا تىرىشماقتا.

ھۇجۇمدا يارىلانغانلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىندى.

ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى يۈزىسىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

پۇقراۋى قوغدىنىش مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 2017 – يىلى 14 – نويابىردىن بۇيان شەرقىي غۇتەگە قىلىنغان ھۇجۇملاردا 5 نەپىرى پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى خادىمى بولۇپ كەم دېگەندىمۇ 312 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر