سۈرىيەدە ھامادىن تەخمىنەن 80 مىڭ پۇقرا ئىدلىبكە كۆچۈپ كەلدى

ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋەقپى «İHH» ھامادىن كۆچۈپ كەلگەن پۇقرالارغا ياردەم خىزمەتلىرىنى باشلىدى.

883026
سۈرىيەدە ھامادىن تەخمىنەن 80 مىڭ پۇقرا ئىدلىبكە كۆچۈپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋەقپى «İHH»نىڭ سۈرىيەدىكى خىزمەتلىرى مېدىيا ئىشلىرى مۇدىرى سەلىم توسۇن، سۈرىيەنىڭ ھاما شەھىرىدىن تەخمىنەن 80 مىڭ پۇقرانىڭ ئىدلىب شەھىرىنىڭ شىمالىغا كۆچكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇم سەۋەبىدىن پۇقرالارنىڭ ئىنتايىن قېيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان سەلىم توسۇن، «ھاۋادىن ۋە قۇرۇغلۇقتىن قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار تۈپەيلىدىن ھامانىڭ شەرقىدىكى تەخمىنەن 80 مىڭ پۇقرا ئىدلىبنىڭ شىمالىغا كۆچتى. مىڭلىغان ئائىلە يۈرت – ماكانلىرىنى تاشلاپ، تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن جايغا يېتىپ كەلدى. ھۇجۇم داۋاملىشىدىغان بولسا، بۇ ساننىڭ تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىۋاتىمىز» دېدى.

سەلىم توسۇن كۆچكەن ئائىلىلەرگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئىدلىب ئەتراپىدىكى كەفەر لۇسىن دېگەن جايدا قانالغۇ مەركىزى قۇرۇپ چىقدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەمئىي 10 مىڭ قاپ يېمەك – ئىچمەك  تەييارلاپ، ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن سەلىم توسۇن يەنە مۇنداق دېدى:

«چېگرانىڭ نول نۇقتىسىدا چېدىر قۇرغان ئائىلىلەر ئاساسەن قالمىدى. ھۇجۇملار داۋاملىشىۋىرىدىغان بولسا، ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ. ھازىر مەزكۇر ئائىلىلەر دەرەخت ئاستىنى پاناھ تۇتتى. يولدا بېشىنى تىققۇدەك يەرلا تاپسا، شۇ يەردە پاناھلىنىشقا تىرىشماقتا. يېقىندىن بۇيان پەسىللىك يامغۇرنىڭمۇ ئەۋج ئېلىشى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن ئائىلىنىڭ چېدىرلىرى سۇ ئاستىدا قالدى. ئىنسانلار بومباردىماندىن قېچىپ كەلگەن رايونلاردا يېمەك – ئىچمەك قېيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر