خىتاي 10 يىللىق ۋىزا بېرىشنى يولغا قويىدىغان بولدى

خىتاي چەت ئەللىك نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنى، نەتىجىلىك تەنتەربىيە چولپانلىرىنى، ئاكادېمىكلار ۋە مالىيە مۇتەخەسسىسى قاتارلىقلارنى «يۇقىرى ئىقتىدارلىقلار گۇرۇپپىسى»غا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى خىتايغا تارتىشنى پىلانلىغان ئىدى.

882639
خىتاي 10 يىللىق ۋىزا بېرىشنى يولغا قويىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي چەت ئەللىك بىلىم ئادەملىرى، كەشپىياتچىلار ۋە نېخنىكا شىركەتلىرى رەھبەرلىرىگە 10 يىللىق ۋىزا بېرىدىغان بولدى.

غەربىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تالانتلىق، چەت ئەللىكلەرنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇشى ئۈچۈن 5 يىللىقتىن 10 يىللىققىچە كۆپ قىتىم كىرىپ-چىقىشقا بولىدىغان ۋىزا بېرىشنى يولغا قويىدىكەن.

تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خوجايىنلىرى، ئىجادىيەتچى ۋە كەشپىياتچىلار ھەمدە بىلىم ئادەملىرىدىن خىتاينىڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان بېيجىڭ دائىرىلىرى، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋىزا ئۈچۈن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ھەقسىز ئىلتىماس قىلىشنى يولغا قويىدىكەن. 

چەت ئەللىك مۇتەخەسسىلەر ئىلتىماس قىلىپ ۋىزىنى ئالغان تەقدىردە، خىتايدا بىرلا قېتىمدا 180 كۈنگىچە تۇرالايدىكەن. بۇنىڭىدىن باشقا يەنە، ئائىلە ۋە پەرزەنتلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلەلەيدىكەن.

خىتايدا 2016 – يىلى چەت ئەللىكلەرگە قارىتا باھا بېرىش سىستېمىسى يولغا قويۇلغان ئىدى. بۇ ئارقىلىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر، نەتىجىلىك تەنتەربىيە ماھىرلىرى، ئاكادېمىكلار، مالىيە مۇتەخەسسىسلىرى قاتارلىقلار «يۇقىرى ئىقتىدارلىقلار گۇرۇپپىسى»غا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلارنى خىتايغا تارتىش پىلانلانغان ئىدى.

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ دۆلەت ئىقتىسادىنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تولىمۇ نازۇك بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ دائىرىدە، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىلەرگە قارىتا تېخىمۇ ئوچۇق سىياسەت ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر