پاكىستان ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى

پاكىستان ھۆكۈمىتى دونالد ترامپنىڭ پاكىستان دائىرىلىرىنى تېررورچىلارغا قۇچاق ئېچىش بىلەن ئەيىبلىشىگە نارارزىلىق بىلدۈردى.

879824
پاكىستان ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتىنى تېررورچىلارغا قۇچاق ئېچىش بىلەن ئەيىبلىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاۋاجا ئاسىف مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دونالد ترامپنىڭ تىۋېتىردىكى ئادرېسىدا تارقاتقان: «پاكىستان ئامېرىكا دائىرىلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان تېررورچىلارنى ساقلىۋاتىدۇ»دېگەن مەزمۇندىكى باياناتىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر خاۋاجا ئاسىف ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پاكىستان زېمىنلىرىنى ئافغانىستاندا ئۆز مەنپەئەتلىرىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن پايدىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 15 يىلدا پاكسىتانغا بەرگەن پۇللارنىڭ ھەرگىزمۇ ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى، بەلكى پاكسىتاننىڭ ئامېرىكىغا يەتكۈزگەن نەپلىرى ئۈچۈن بېرىلگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن مىنىستىر خاۋاجا ئاسىف مۇنداق دېدى: «ترامپ ئافغانىستاندىكى مەغلۇبىيەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىزدىن ئەمەس بۇنىڭغا سەۋەب بولغۇچىلاردىن سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك.»

ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەغلۇبىيەتلىرى سەۋەبىدىن تېڭىرقاپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مىنىستىر خاۋاجا ئاسىف سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە ھازىرغىچە بەرگەن ياردەملىرىنى قاچان، قايسى جايغا ۋە قانداق ئىشلەتكەنلىكىمىزنى خەلققە ئوچۇق يىغىندا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە تەييارىمىز.»

دونالد ترامپنىڭ «بۇنىڭدىن كېيىن ياردەم بېرىلمەيدۇ»دېگەن سۆزلىرىگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان مىنىستىر خاۋاجا ئاسىف، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭمۇ ئاق سارايدىن «ياردەم تەلەپ قىلمايدىغانلىقلىرىنى» ئاللىبۇرۇن يەتكۈزۈپ بولغانلىقلىرىنى دېدى.

ترامپ تىۋىتېردىن بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ 15 يىل ئىچىدە پاكىستانغا 33 مىليارد دوللار يادەم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەنىدى: «پاكىستان رەھبەرلىرىمىزنى دۆت  چاغلاپ ئامېرىكا دائىرىلىرىگە يالغانلا سۆزلەپ كەلدى، ھەتتا ئافغانىستاندا ئەسكەرلىرىمىز ئىزىگە چۈشكەن تېررورچىلارغا قۇچاق ئاچتى، بۇنىڭدىن كېيىن پاكىستانغا ياردەم بېرىلمەيدۇ.»

ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ بۇلتۇر 19-دېكابىردا ئېلان قىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستىراتېگىيەلىك پىلانىدا «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پاكىستان زېمىنلىرىدا ھەرىكەت قىلماقتا»دېگەن جۈملىگە ئورۇن ئاجرىتىلغانىدى.

پاكىستان ھاكىمىيىتى بۇنىڭ تامامەن ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە نارارىلىق بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر