نىگېرىيەدە خىرىستىيانلار ھۇجۇمغا ئۇچراپ 21 ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان كىروس رىۋېر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئوموكۇ شەھىرىدە چېركاۋدىن يانغۇچىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

879910
نىگېرىيەدە خىرىستىيانلار ھۇجۇمغا ئۇچراپ 21 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان كىروس رىۋېر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئوموكۇ شەھىرىدە چېركاۋدىن يانغۇچىلار قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ 21 ئادەم ئۆلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.

ئوموكۇ چېركاۋىنىڭ پوپى داندىي باتۇئېل بىر تۈركۈم قوراللىق زوراۋاننىڭ  چېركاۋدا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىن يانغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ 21 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

باتۇئېل مۇنداق دېدى: «مۇخلىسلىرىمىز ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا زوراۋانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.»

كىروس رىۋېر ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئومۇنى نىنامدى ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر