«2018 ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىس يىلى بولۇشى مۇمكىن»

ئەنگلىيە خەلقئارا تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى پېنني مورداۋنت، 2018 – يىلىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسلارنىڭ بىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

879842
«2018 ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىس يىلى بولۇشى مۇمكىن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى پېنني مورداۋنت، «2017 قورقۇنچلۇق ئىنسانىي كىرىزىسلار يۈز بەرگەن بىر يىل بولغان بولسىمۇ، 2018 ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بىر يىل بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

ئەنگلىيە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ب د ت ئىنسانىي ياردەم ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرى ئىشخانىسىغا قوشۇمچە 21 مىليون دوللار بېرىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىدى. مەزكۇر مەبلەغنىڭ قالايمىقانچىلىقلار داۋاملىشىۋاتقان رايونلاردىكى 13 مىليون كىشىنى سۇ بىلەن تەمىنلەپ، سالامەتلىك شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە 9 مىليون كىشىنىڭ ئاشلىق ئېھتىياجىنىڭ قامدىلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ب د ت نىڭ ئىنسانىي ياردەملەرگە مەسئۇل باش كاتىپ ياردەمچىسى، قوشۇمچە جىددىي ئەھۋاللار كوردىناتورى ئوبرىئېن، مارت ئېيىدا بايانات بېرىپ، دۇنيانىڭ 1945 – يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر