ئامېرىكىدا ساقچىلار قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكىدا ساقچىلارغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغان گۇماندار بىر مۇئاۋىن ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ، 4 ساقچى مەمۇرىنى ۋە 2 پۇقرانى يارىدار قىلدى.

879385
ئامېرىكىدا ساقچىلار قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ لولورادو ئىشتاتىدا ساقچىلار شىكايەت قىلىپ كەلگەن تېلېفونغا ئاساسەن ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بارغاندا، قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ۋەقەدە 1 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 4 ساقچى ۋە 2 پۇقرا يارىدار بولدى. 

لولورادو ئىشتاتىغا قاراشلىق دېنۋېر شەھىرىدىكى دوگلاس رايونى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە دوگلاس ساقچى باشلىقى بايانات ئېلان قىلدى.

ئەتىگەن سائەت 06:00 ئەتراپىدا ساقچىلارغا شىكايەت قىلىپ بىر تېلېفون كەلگەنلىكى ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بارغان ساقچىلارنىڭ كىملىكى ئاشكارىلانمىغان بىر گۇماندارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇم سەۋەبىدىن بىر مۇئاۋىن ساقچى باشلىقى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 4 ساقچى مەمۇرىنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھۇجۇم قىلغان گۇماندارنىڭ يەنە 2 پۇقرانىمۇ يارىدار قىلغانلىقى بىلدۈرۈگەن باياناتتا، گۇماندارنىڭ نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر