ئۇكرائىنادا بىر كىشى ئۆزى يالغۇز 11 كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى

گۇماندارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھازىرچە ھېچ قانداق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى.

879109
ئۇكرائىنادا بىر كىشى ئۆزى يالغۇز 11 كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ ھاۋكوۋ شەھىرىدە بىر كىشى قولىدىكى پارتلاتقۇچ بىلەن پوشتاخانىدىكى 11 كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى.

 گۆرۈگە ئېلىۋالغۇچى دەسلەپتە ئايال ۋە كىچىك بالىلاردىن تەركىپ تاپقان 5 كىشىنى قويۇپ بەردى.

ساقچىلار پىسخىئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا گۆرۈگە ئېلىۋالغۇچى بىلەن سۆھبەت  ئۆتكۈزۈپ، قالغان كىشىلەرنىمۇ قويۇپ بېرىشكە قايىل قىلدى. 

شۇنىڭ بىلەن گۇماندار تەسلىم بولدى ۋە ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلمىدى.

گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلاردىن بىرسىنىڭ دېيىشىچە، گۇماندار ئىنتايىن خەتەرلىك بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىكەن.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ھاركوۋدا ئۇكرائىنا ساقچىلىرىنىڭ پوشتاخانىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى نەتىچىسىدە، گۇماندار قولغا ئېلىندى ۋە گۆرۈگە تۇتۇۋېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلدى» دېدى.

گۇماندارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھازىرچە ھېچ قانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى. ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر