مەھمۇد ئابباس فەۋزى جۇنەيدىگە تېلېفون قىلىپ قەھرىمانلىقىنى تەبرىكلىدى

قۇددۇس قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان 16 ياشلىق فەۋزى جۇنەيدىنىڭ قولغا ئېلىنىش جەريانىدىكى كۆرۈنۈشلىرى خەلقئارادا زور ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.

879065
مەھمۇد ئابباس فەۋزى جۇنەيدىگە تېلېفون قىلىپ قەھرىمانلىقىنى تەبرىكلىدى
kudüs direnişinin sembol ismi cuneydi serbest bırakıldı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىىسى مەھمۇد ئابباس قۇددۇس قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان 16 ياشلىق فەۋزى جۇنەيدىگە تېلېفون قىلىپ، قولغا ئېلىنىش جەريانىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلارچە مەيدانىنى تەبرىكلىدى.

پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرىشىچە، مەھمۇد ئابباس پەلەستىن خەلقىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئۆزلىرىنىڭ قارشىلىق مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە بۇ كۆكرەك كىرىپ تىك تۇرۇشنىڭ پەلەستىن خەلقىنى چوقۇم پايتەختى قۇددۇس بولغان پەلەستىن دۆلىتىگە سازاۋەر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەھمۇد ئابباس ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى پەلەستىن خەلقىنى ۋە ئۆسمۈرلىرىنى خەلقئارلىق قوغداش ئاستىغا ئېلىش كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

پەلەستىنلىك 16 ياشلىق جۇنەيدى 7 – دېكابىردا ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئەل خەلىل شەھىرىدە كۆزلىرى تېڭىلغان ھالدا نۇرغۇنلىغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە بۇ كۆرۈنۈشلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە ھەربىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنماي سوت قىلىنىشى ئۈچۈن كاپالەتكە قويۇپ بېرىلگەن قۇددۇس قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولى جۇنەيدىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلغانلىقى تۈپەيلى سول مۇرىسى سۇنۇپ كەتكەن ئىدى.

ئوفېر سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى جۇنەيدىنى كاپالەتكە قويۇپ بېرىش قارارىنى قوبۇل قىلغان بىراق تەپتىش مەھكىمىسى بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. 

جۇنەيدى 14 – يانۋاردا قايتىدىن ھەربىي سوتتا سوت قىلىنىدۇ.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر