ئىراندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش داۋاملاشماقتا

ئىراننىڭ مەشھەد ۋە كاشمەر شەھەرلىرىنىڭ ئارقىدىن قىرمانشاھتىمۇ پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى ھۆكۈمىتىگە قاشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا.

878806
ئىراندا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرمانشاھ شەھىرىدە تۇرۇمۇش بويۇملىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا ساقچىلار قاتتىق مۇداخىلە قىلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان كۆرۈنۈشلەردىن قارىغاندا، نامايىشقا قاتنىشىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان.

نامايىشچىلار ئىراننىڭ تاشقى سىياسىتى، تۈزۈم ۋە پىرېزىدېنت رۇھانى ھۆكۈمىتىگە قارشى «نە غاززە، نە لىۋانغا، جېنىم ئىرانغا پىدا بولسۇن»، «يوقالسۇن دېكتاتورلۇق»، «يوقالسۇن رۇھانى» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى. ساقچىلار نامايىشىچىلارغا قاتتىق مۇداخىلە قىلدى.

ئىران پىرېزىدېنتى بىرىنچى مۇئاۋىنى ئىسھاق جىھانگىرى پايتەخت تېھراندا 25 – نۆۋەتلىك ئىران تىبىي دوختۇرلار كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭ قىممەتلەپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۆتكۈزۈلىۋاتقان كوچىلاردىكى نامايىشلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا باشقا ئىشلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى.

ئىسھاق جىھانگىرى: «كوچىلاردا نامايىشنى باشلاتقانلار، ئۇنى توختاتقۇچىلار بولالمايدۇ. چىققان ئىس - تۈتەك ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كۆزىنىمۇ كاردىن چىقىرىدۇ» دېدى.

تېھران شەھەرلىك ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئامانلىقنى ساقلاش دائىرىلىرى باشلىقى مۇھسىن نەسىج ھەمەدانىمۇ نامايىشچىلار توۋلاۋاتقان شوئارلارنىڭ دۆلەت دۈشمەنلىرىنىڭ ئىشىغا يارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ خىل مەقسەتلەر ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنىڭ قەتئىيلىك بىلەن باستۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭ قىممەتلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنىڭ ئىراننىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىگىچە كېڭەيگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىراندا يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن تۈزۈمگە قارشى نامايشلارنىڭ 2009 – يىلىدىكى ئۆكتىچى رەھبەر مىر ھۇسەين مۇسىۋىنى قوللاش نامايىشلىرىنىڭ خاتىرە كۈنىگە توغرا كېلىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارماقتا.

مەزكۇر نامايىشلار ئىران رەھبىرى ئەلى ھامانىغا قاراشلىق تەشۋىقات بۆلىمى دىندارلارنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىشى بىلەن 2009 – يىلى 30 - دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا قارشى ئاممىۋىي پائالىيەتنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئاخىرىلاشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر