ئافغانىستاندا 6 نارەسىدە تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قۇربانى بولدى
ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان بەلخ ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا 6 بالا جېنىدىن ئايرىلدى.
877654
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان بەلخ ئۆلكىسىنىڭ دۆلەت ئاباد ناھىيەسىدە پارتلاش مەيدانغا كېلىپ 6 بالا ئۆلدى.
دۆلەت ئاباد ھاكىمى مۇھەممەد كەرىم ناھىيەسىدىكى بىر مەكتەپكە يېقىن جايدىكى يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ بالىلار ئويناۋاتقاندا پارتىلغانلىقىنى ئېيتتى.
پارتلاشتا 6 بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتقان كەرىم، بالىلارنىڭ 6 ياشتىن 12 ياشقىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.