ئەنگلىيەلىك پوپ ئامېرىكىلىق پوپلارنى تەنقىد قىلدى

ئەنگلىيەلىك پوپ پاۋۇ بايېس پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى قوللىغان ئامېرىكىلىق پوپلارنى تەنقىد قىلدى.

877617
ئەنگلىيەلىك پوپ ئامېرىكىلىق پوپلارنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدىكى ئانگلىكان چىركاۋى پوپى پاۋۇ بايېس ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى قوللىغان ئامېرىكىلىق دىنى رەھبەرلەرنى تەنقىد قىلدى.

ئەنگلىيەدىكى گۇردىئان گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بايېس، بىر قىسىم خىرىستىيان دىنى رەھبەرلەرنىڭ ترامپ ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ دېگەنلىرىنى ئويلىمايلا شۇ پېتى قوبۇل قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

بايېس خىرىستىيانلىقتا نامرات ۋە ئاجىز كىشىلەرنى قوغداشنىڭ تەرغىپ قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دىنى رەھبەرلەر تەرغىپ كېلىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر نامراتلارنى چەتكە قاقىدىغان تۈزۈمنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىۋاتىدۇ بۇ تۈزۈم كۆۋرۈكلەرنىڭ ئورنىغا سېپىل سالىدىغان، جەمئىيەتنىڭ چېتىدىكى ئىنسانلارنى چەتكە قاقىدىغان ، كۆچمەنلەرگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان تۈزۈمدۇر.»

ئىنسانلارنىڭ دىندىن خالىي ئىدىيەلەرنىمۇ تەرغىپ قىلىش ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئېيتقان بايېس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىنسانلار بۇنداق ئىدىيەلەرنى تەرغىب قىلغاندا، خىرسىتىيانلارغا ئوخشاش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىشى كېرەك، مەن دىندىن خالىي نوقۇل سىياسىي مەقسەتلىك ئىدىيەلەرنى قوللاپ كەتمەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر