گېرمانىيەدە مىڭلارچە كۆچمەن ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولدى

گېرمانىيە قىزىل كىرست جەمئىيىتى تارمىقىدىكى يوقاپ كەتكەنلەرنى سۈرۈشتە قىلىش ئىشخانىسى 2017-يىلى مىڭلارچە كۆچمەننىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

877657
گېرمانىيەدە مىڭلارچە كۆچمەن ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە مىڭلارچە كۆچمەن يوقاپ كەتتى.

گىرېتسىيەدە 13 مىڭ كۆچمەننىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن گېرمانىيە قىزىل كىرست جەمئىيىتى تارمىقىدىكى يوقاپ كەتكەنلەرنى سۈرۈشتە قىلىش ئىشخانىسى 2017-يىلى 2700 مۇساپىرنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن بالىنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

دېي ۋېلت گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 2014-يىلغا قارىغاندا 3 ھەسسە ئاشقان.

بۇ يىل يانۋاردىن دېكابىرغىچە جەمئىي 2700 كۆچمەننىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دېي ۋېلت گېزىتى، 2016-يىلى 2800 كۆچمەننىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.

خىرىستىيان سوتسىيالىستلار ئۇيۇشمىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ دېي ۋېلت گېزىتىدە خىزمەت قىلىشقا باشلىغان دېي ۋېلت گېزىتى باشلىقى گېردا ھاسسېلپېلد مۇنداق دېدى: «ئائىلىسىنى ئىزدەۋاتقان مۇساپىر بالىلار ياكى بالىلىرىنى ئىزدەۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە.»

بۇ يىل يوقاپ كەتكەن مۇساپىر بالىنىڭ سانىنىڭ مىڭ ئەتراپىدىكى ئىكەنلىكىنى، بۇلتۇرمۇ مىڭدەك بالىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھاسسېلپېلد، بۇ ساننىڭ 2016-يىلغا قارىغاندا بۇ بيىل گېرمانىيەگە تېخىمۇ ئاز مۇساپىر كەلگەن بولۇشنىڭ ئەكسىچە ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

70يىلدىن بۇيان تالاش-تارتىشلىق رايونلاردىكى يوقاپ كەتكەن بالىلارنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشخانىغا ھەر يىلى ئوتتۇرىچە 8000 دەك ئادەم يوقاپ كېتىش خەۋەرىنىڭ كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر