گېرمانىيەدە ھەر ئىككى كىشىدىن بىرسى مېركېلنى خالىمايدىكەن

گېرمانىيەدە تەخمىنەن ھەر ئىككى كىشىدىن بىرسى ئانگېلا مېركېلنىڭ باش مىنىستىرلىق  ۋەزىپىسىدىن بۇرۇن ئايرىلىشىنى خالايدىكەن.

877216
گېرمانىيەدە ھەر ئىككى كىشىدىن بىرسى مېركېلنى خالىمايدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە تەخمىنەن ھەر ئىككى كىشىدىن بىرسى ئانگېلا مېركېلنىڭ باش مىنىستىرلىق  ۋەزىپىسىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن چېكىنىپ چىقىشىنى خالايدۇ.

گېرمانىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى(DPA) نىڭ يوۇ گوۋ  تەتقىقات شىركىتىگە ئورۇنلاشتۇرغان خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتىدىن چىققان نەتىجىلەرگە  ئاساسلاناندا،  قاتناشقانلارنىڭ %47سى، خىرىستىيان دىموكراتچىلار پارتىيەسى باشلىقى ئانگېل مېركلنىڭ 4 يىل ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى توشقۇزماي تۇرۇپ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنى خالايدىغان بولسا ، %36سى مېركېلنىڭ ۋەزىپىسىنى مۇددىتى توشقۇچە ئۆتىشىنى خالايدىكەن.

19-دېكابىردىن 21-دېكابىرغىچە 2036 كىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشقا قاتناشقانلاردىن: «باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل رەھبەرلىكىدە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغان ئەھۋالدا مېركېل 4 يىل ۋەزىپە ئۆتۈسىنمۇ ياكى مۇددىتى توشماي تۇرۇپ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلسىنمۇ؟»دېگەن تەرىقىدە سوئال سورالدى.

راي سىناشقا قارىغاندا، خىرىستىيان دېموكراتچىلار پارتىيەسىنى قوللايدىغانلارنىڭ %17سى مېركېلنىڭ 4 يىلنى تولدۇرماي تۇرۇپ مۇددەتتىن بۇرۇن ۋەزىپىسىنى ئايرىلىشىنى بىلدۈرگەن بولسا، %75ى 2021-يىلغىچە ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.  

گېرمانىيەدە بۇ يىل 24-سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملاردىن كېيىن 18-ئۆكتەبىردە خىرسىتىيان دىموكراتچىلار پارتىيەسى، ھۆر دېموكراتچىلار پارتىيەسى ۋە يېشىللار پارتىيەسى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، 20-نويابىردا ھۆر دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ مۇزاكىرىلەردىن چېكىنىپ چىقىشى سەۋەبىدىن مۇزاكىرىلەر توختاپ قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر