تىللېرسون بىلەن لاۋروۋ سۈرىيە توغرۇلۇق كۆرۈشتى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون تېلېفوندا كۆرۈشتى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كۆرۈشۈشتە كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان سۈرىيە مەملىكەتلىك دىيالوگ يىغىنى ۋە ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
لاۋروۋ بىلەن تىللېرسوننىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئاساس قىلغان ھالدا سۈرىيە كىرىزىسىگە چارە تېپىش لازىملىقىنى تەكىتلەشكەنلىكلىرى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا مۇندق دېيىلدى: «كۆرۈشۈشتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 نومۇرلۇق قارارنامىسى دائىرىسىدە سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى قوللاش مەقسىتىدە چاقىرىلىدىغان مەملىكەتلىك دىيالوگ يىغىنى ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا شەرت قويۇلماستىن جەنۋەدە بىۋاستە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قانداق قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى لازىملىقى توغرىسىدا كېڭەش قىلىندى.»
ھەر ئىككى تەرەپنىڭ شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن ياسالغان يادرو بومبىلىرىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىغا زىت ئىكەنلىكى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، لاۋروۋنىڭ ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە توغرۇلۇق بەرگەن ئەيىبلەش خاراكتېرلىك باياناتلىرى ۋە رايونغا قارىتىلغان ھەربىي تەييارلىقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇلارنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.